Post Thumbnail of كۈلگۈنچەك
2012.05.17 سەھىپە: ئەدەبىي ئەسەرلەر | 10 ئاۋاتلىقى

كۈلگۈنچەك
ئالغىنىم قولغا قەلەمنى بىر گۈزەلنى كۈيلىمەك،
بەلكىم كۆڭۈل پەرمانىدا ئۈشبۇ جاناننى كۈلدۈرمەك،
نەقىلۇرمەن ساختا ماختاپ، تۇرسا ئاشكارە ھەممىسى،
يازغىنىم شۇ بارى-يوقى، يەنە شۇنداق كۈلگۈنچەك.
******************
ھەر بېقىش، نازى بىلەن جاننى ئالغان كۈلگۈنچەك،
ھەر سۆزى، خۇلقى بىلەن ئوتنى ياققان كۈلگۈنچەك،
ئاي يۈزى، گۈلدەك ئۆزى جاننى قىينار كۈلگۈنچەك،
مەن نەقىلاي ئۈشبۇجان، قىينالدىغۇ كۈلگۈنچەك.
 
شۇنچە نەفىس ئاۋازى، جانغا شىپاھ كۈلگۈنچەك،
ھەر نەپەستە جېنىمغا …

Post Thumbnail of ئادەم ئەمەسنىڭ تەرجىمىھالى
2012.04.27 سەھىپە: ئەدەبىي ئەسەرلەر | 89 ئاۋاتلىقى

توۋا…چۈشۈممۇ ياكى ئوڭۇممۇ بۇ؟…. قاي زامان، قايسى ۋاقىتلاردۇ؟ بېشىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ… تۇرۇۋاتقىنىم ناتونۇشلا بىر جاي. ياق، مەن ئېسىمگە ئالالمايۋاتقان بىر جاي… شۇنداق سوغۇق، گۆردەك قاراڭغۇ بىر جاي، تونۇش بولساقمۇ ماڭا تونۇشلۇق بەرمەيۋاتىدۇ… تېخى ئۆزۈم يالغۇز… بېشىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ…
غۇۋا ئېسىمدە، بىر ئەركەك ئىدىم، ھايات داۋانلىرىدا ئۆچمەس ئىزلار ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقاندەك قىلغان، …

Post Thumbnail of يېرىمى يوق شەھەرنىڭ تاتلىق كېچىسى
2012.04.19 سەھىپە: ئەدەبىي ئەسەرلەر | 84 ئاۋاتلىقى

مەن چۈشلىرىم باغرىدا شىرىنلىككە ئاتالغۇچى، پەقەت تۇيۇقسىز غايىپ بولغۇچى چۈشلەرگىلا ئۆزۈمنى ئاتىۋەتكەن بىغەم بەندە، چۈشلىرىم دەل ئۆزۈم ، كۆزلىرىم چۈشلىرىمدىكى قوياش، تەنلىرىم چۈشلىرىمدىكى زېمىن، سۆزلىرىم چۈشلىرىمدىكى تارىخ ، تىنىقلىرىم چۈشلىرىمدىكى يالقۇن… پەقەت چۈشلىرىمدىلا ھەممىنى قىلالايتتىم، چۈشلىرىمدىلا ئۆزۈمنى سۆيەلەيتتىم، چۈشلىرىمدىلا ئۆزگىلەرگە كۆيەلەيتتىم، ئويغاقلىقىم، سەگەكلىكىمدىن كۆرە ئاشۇ غايىبانە چۈشلەردە سەمىمىي ئىدىم، چۈشلىرىمدىكى …

Post Thumbnail of كۆيۈۋاتقان يۈرەك
2012.04.12 سەھىپە: ئەدەبىي ئەسەرلەر | 88 ئاۋاتلىقى

گۇگۇم پەيتى، دۇنيا سۈكۈتتە ئىدى، كىچىككىنە جىسمىمغا مانانلار سايە تاشلاۋاتاتتى، تارغىنا ھوجرامنىڭ كەڭ دۇنياغا قارىغان دېرىزىسى تۈۋىدە زۇلمەت قەدەملىرىنىڭ مېنى قورشىۋىلىشىغا سۈكۈت قىلماقتا ئىدىم، قۇياشنىڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىمۇ مېنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى زېمىنغا تىكىۋاتقان يۇلتۇزلار نېمىشقىدۇر ھەممىگە پەرۋاسىز ئىدى. يېراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان چىكەتكە ئاۋازىدىن تۈن باغرىنى تىلغاۋاتقان بىر يالقۇننى كۆرۈۋاتاتتىم، …

Post Thumbnail of مېھرى-شەپقەت
2012.03.30 سەھىپە: ئەدەبىي ئەسەرلەر | 167 ئاۋاتلىقى

مېھرى-شەپقەت
 
مېھىردىن ھارارەت ئالسا بۇ جاھان،
ياشىساق ساخاۋەت ئىلكىدە ئامان،
زىيالار ياغدۇرساق سۆيگۈدىن ھامان،
دىللاردىن-دىللارغا يول ئالساق تامان،
مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟
 
بىخلانسا قەلىبتە سۆيگۈ ئۇرۇقى،
سۇغارسا كۆيۈنۈپ مېھىر بۇلىقى،
تارىسا دۇنياغا سۆيگۈ خۇلىقى،
ھەر جايدا تۈز بۇلسا دىلنىڭ تۇرىقى،
مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟
 
يىغلىسا يېشىنى سۈرتسە سۆيۈملۈك،
غەملەردە باشىنى سىلاپ كۆيۈملۈك،
ئاھ ئۇرسا يولىغا يانداشسا ئۆملۈك،
شۇنىڭدا بولمامدۇ دۇنيا …

Post Thumbnail of دۇكاندىن چىقىپ كەت!( خېرىدارغا ئېيتقانلىرىم)
2012.03.5 سەھىپە: جەمئىيەت كۆزنىكى | 219 ئاۋاتلىقى

-دۇكاندىن چىقىپ كەت!!!
مانا بۇ مېنىڭ بىر خېرىدارغا ئېيتقان سۆزۈم،  مەن بىر دۇكان ئېگىسى، بىر ساھىپخان، مېھمانغا شۇنداق دېدىم، ئاشۇنداق مىجەزىم ئوسال، ماڭا پۇل بەرگىلى، ماڭا ھاجىتى چۈشۈپ كىرىپ، يۇۋاشلىق بىلەن ھاجىتىنى ئېيتقان خېرىدارنى شۇنداق دەپ دۇكاندىن چىقىرىۋەتتىم، ئۇنىڭ تۆۋەنچىلىك بىلەن ”ئۇستام، بىر ياردەم قىلىڭ“ دېگەن گېپىنى قېتىمغىمۇ ئالمىدىم، ماڭا زادى ئىززەت ياراشمايدۇ، …

Post Thumbnail of ئۆيگە قايتىش
2012.03.4 سەھىپە: ئەدەبىي ئەسەرلەر | 144 ئاۋاتلىقى

ئۆيگە قايتىش
 
باشلاندىمۇ بىر مۇقەددىمە،
يۈتتۈرۈشكە ئۆزىنى ئاتاپ؟
بەلىكم….تۇيغۇم ئاڭا يول قويماس،
ھىسلىرىنى ئەقلىدە چايقاپ…
 
ئۆيگە قايتىش يوللىرى قايان؟
(سەرسانلىقتا يۈرگۈم يوق پەقەت)
قايتماقچىمەن قايتا ئۆيۈمگە.
مەن شۇ يەردە ياشايمەن ئەبەت.
 
ئاستا-ئاستا ئۆزۈمنى ئاتاپ،
سەرسانلىققا بېرىپ قۇربانلىق.
ياشاپ كەلدىم تۇيغۇمغىلا يات!
ئەمدى قۇل بوپ ئۆتمەي داۋاملىق!
 
خۇددى زۇلمەت ماڭا تالىقتەك،
يۈرەمدىممەن قاراڭغۇلۇقتا؟
ماڭا لازىم ئەسەسبي ئىستەك!
قالسام مەيلى ئۆز ئۇۋالىمغا!
 
ئىزدىمەيمەن قايتىشىمغا يول،
پەقەت دادىل باسىمەن قەدەم.
مەن ئۆزۈمگە …

Post Thumbnail of سالام ئېيتقىن يارغا شاماللار
2012.03.2 سەھىپە: ئەدەبىي ئەسەرلەر | 154 ئاۋاتلىقى

كېتەر بولسا زىمىستان، بەرسە ئورۇن باھارغا،
غۇنچىلىسا قىزىلگۈل، كاككۇك كەلگەن تاڭلاردا.
چىچەكلەرگە جۆر بولۇپ، ئېيتسا ناخشا قارلىغاچ،
يەتكۈزگەيمۇ شاماللار سالام ئېيتسام شۇ يارغا.
 
ئاتاپ قوياي چىن سۆيگۈ، باھاردىكى تاڭلاردا،
قايتىپ كەلگەن ئاققۇلار ئېلىپ بارغىن يارىمغا،
بولۇپ سۆيگۈ ئەلچىسى ئۇچۇپ قويغىن بىر قېتىم،
سالامىمنى يەتكۈزگىن ئاشۇ گۈلدەك جانانغا.
 
زىمىستاننىڭ قوغلىغان باھار ماڭا كەلسەڭچۇ،
يېراقتىكى شۇ يارىم بۇ ھالىمغا يەتسەڭچۇ.
بولارمىدى بىر …

Post Thumbnail of مۇسىبەتنامە
2012.02.27 سەھىپە: ئەدەبىي ئەسەرلەر | 223 ئاۋاتلىقى

بىزنى چۆرىدىۋالغان سۈكۈت ھەقىقەتەن مەنىسىز ئىدى، پەقەت كۆزلىرىمىزنىڭلا سۆزلىشىگە ئىجازەت قىلغان ئىدۇق، جىملىققا بارغانچە چۆكۈۋاتقان شۇ دەملەردە ھىچنىمە ئويلىغۇم يوق ئىدى، قاتقان قارچۇقلىرىم ھەممىنى ئېنىق كۆرۈۋاتاتتى، ئېغىر تېنىۋاتقانلارنىڭ ماڭا قاراپ نەپەس ئېلىشىدىن بىزار بولۇۋاتاتتىم، تۇرۇپلا ئۇلارنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. تۇيۇقسىز بىرەيلەن قولۇمنى چىڭ تۇتۇۋالدى، مەھكەم گىرەلەشكەن قوللىرىمىزدىن سىرغىۋاتقان …

Post Thumbnail of خەيرى-خوش ئەسكى چاپان(IE6 دىن قۇتۇلدۇم)
2012.02.17 سەھىپە: تاغدىن-باغدىن | 195 ئاۋاتلىقى

ئۇھ….
يەنە شۇ تورنىڭ گېپى، پېقىرنىڭ ئېغىزىدىن بۇنداق سورۇندا يەنە نېمە گەپ چىقماقچىتى؟ يەنە شۇ بلوگ دېگەن كاساپەتنىڭ ئىشقى، يەنە شۇ ئەدەبىياتنىڭ سەۋداسى، يەنە شۇ قەلەمنىڭ غەلۋىسى…
سۆزلەپ كەلسەك گەپ ئۇزۇن، تۇغۇلغان چېغىمدىن تارتىپ دەپ يۈرگۈم يوق، كونا ئىشلارنى دەۋەرسەم، ھازىرقى يېشىمغا كەلگۈچە يەنە 22 يىل ئۆتۈپ كەتسە سىلەر قېرىپ كېتىسىلەر. شۇڭلاشقا …

 سىز 1-بەتتە، جەمئىي 2 بەت  1  2 »
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup